[00:13.79] ئەلشىر نەۋائىي [03:22.70][03:07.60][02:06.41][01:20.77][00:35.07][00:20.03]كۆرگەلى ھۆسنۈڭنى زارۇ مۇپتىلا بولدۇم ساڭا، [03:30.06][03:14.89][02:14.02][01:28.54][00:42.71][00:27.69]نى بەلالىغ كۈن ئىدىكىم،ئاشنا بولدۇم ساڭا. [00:58.04][00:50.29]ھەر نىچە دېدىمكى:كۈن-كۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل، [01:13.04][01:05.54]ۋەھكى،كۈن-كۈندىن بەتەررەك مۇپتىلا بولدۇم ساڭا. [01:43.51][01:35.93]مەن قاچان دېدىم:«ۋاپا قىلغىن ماڭا»،زۇلۇم ئەيلىدىڭ، [01:58.97][01:51.86]سەن قاچان دېدىڭ:«پىدا بولغىن ماڭا»،بولدۇم ساڭا. [02:44.34][02:36.92]قايسى پەرى پەيكەرگە دەرسەن تەلۋە بولدۇڭ بۇ سۈپەت، [02:59.61][02:52.17]ئەي پەرى پەيكەر،نىمە قىلساڭ قىل،ساڭا بولدۇم ساڭا. [03:39.66]ئەي كۆڭۈل،تەركى نەسىھەت ئەيلىدىڭ،ئاۋارە بول، [03:46.30]يۈز بالا يەتمەسكى،مەن ھەم بىر بالا بولدۇم ساڭا. [03:52.98]جامى جەم بىرلە خىزىر سۈيى نەسىبەمدۇر مۇدام، [03:58.19]ساقىيا،تاتەركى جاھ ئەيلەپ گەدا بولدۇم ساڭا. [04:05.60]غۇسسە چەڭگىدىن نەۋائىي تاپمىدىم ئوششاق ئارا، [04:11.71]تا نەۋائىيدەك ئەسرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا.