Chaqirimsiz Yol 作词 : BIG-ROCK 作曲 : Internet Verse1 ‎كېلىدۇ باھارمۇ زىمىستاننى ئۇزۇتۇپ بولمايدۇ ئەتراپىڭ ھەرۋاقىت جۇدۇن 春天总会取代寒冬腊月如约而至 ‎ھايات مۇساپىسى ھەردائىم كەسكىن مەزمۇت تۇرالايسەن تاپساڭلا خۇدۇڭ 找到自我才能在这条激烈的生命之路上游刃有余 ‎ھاياتنىڭ مۇشكىلى سىنايدۇ سېنى 生活充满挑战 ‎سىناقتىن ئۆتكىدەك ئېرادەڭ قېنى 迎难而上的你在哪里 ‎يولۇڭدا تەر تۆكۈپ توختىماي ماڭساڭلا مەقسەتكە يېتىسەن ھامان بىر كۈنى 只要你不放弃保持前行总能完成梦想 ‎قائىدە نىزام قاندا بار، شۇ ئۇلۇغ ياراتقان تەندە بار 祖祖辈辈留下来的规矩习俗如财富般藏在体内 ‎ئىنسان روھىدىكى پۈچەك قىلىقلار ئالۋەتتە سەندە ۋە مەندە بار 当然也不乏那我们都有的小缺点 ‎تەڭكەش مۇزىكا قىستىغان ھېسياتقا تىللىرىم كەمتۈك تەسۋىرىم ئاجىز 缺乏能把音乐所要表达的意境抒写出来的能力 ‎لىرىكا ئۈستىدە ئېلىپ ماڭغان بايانىم شائىرانە ئەمەس مەن ۋايىز 但我还是想要跟随诗人的步伐尽力而为 ‎قاقشاشقا ۋايساشقا ھېچنىمە ئۆزگەرمەس مۇھىمى ھەرۋاقىت يېڭىچە ئىدىيە 抱怨无法改变任何东西唯有开阔新视野 ‎تەپەككۇرۇڭ ئالدىدا ئۆتكۈر قەلەم دالدىدا پەرۋاسىز ‎باشقىلا بەرسىمۇ رەدىيە 思想前卫才不会被别人所影响 ‎ئىنتىلدىم بىر مەزگىل مەۋھۇم چوقىغا، كاتەكنى بەرمىگەن ئاچ كۆز توخىغا 我曾向往过虚拟世界(后一句引用典故) ‎ئوخشايدۇ بەزىلەر شۇڭا دەيدۇ دائىم تېيلىنما ھەرگىز ناداننىڭ پوقىغا 要远离那些总是想法一致的无知者 ‎بار-يوقنىڭ ھەممىنى سۆزلىدىم تېكىستتە چۈشىنىش سىلەردىن تىڭشىغۇچى ئەزىز 聆听的你们来理解我写下的这一句句事实 ‎مەيلىم يوق باشقىغا ۋىجدانىڭنى تاشلىما يازمىسام داستان قەلەمگە قەرىز 只要能保持自尊写出更好的作品其他的我都无所谓 ‎سۈبھىدە ئاي نۇرى چۈشتى دەپتەرگە قويدۇم قەلەمنى تېكىست تامام 清晨的曙光照耀在本子上我放下了笔完成了歌词 ‎قەلىبتىكى روھنى خاتىرلەپ ئەسەردە بولىدۇ ھەر ۋاقىت مۇشتاق داۋام 我会继续如此记录下心中所想 ‎‏Hook ‎ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرىمۇ غۇۋا، سىرتنى قاپلىغان پۈتۈنلەي تۇمان 桌前的灯铺满了灰尘微微一亮 ‎ئەزىزلىرىم ماڭا بەرگەندە، كۆڭۈلدە قالماس زەرىچە گۇمان 亲爱之人在身旁会使我充满安全感 ‎پەسكەش ئىشلارنى كۆرسەڭلا راۋا، ئېچىلماس ھەرۋاقىت تۇتۇلغان زۇۋان 倘若你认为那些糟糕的事情是正确的 你再也不会挺身而出 ‎ئەلمىساقتىن ئىللىق بۇ ئۇۋا، يېزىلغان كۆپلەپ داستان ۋە رومان 这片流传着无数故事的故土自古以来都是温暖的 ‎‏Verse2 ‎قەلەمگە تويۇنۇپ سىياھ، بەرگەندە ئىلھام يەتمەس قۇر ياكى دەپتەر 有灵感的时候装满了墨囊的钢笔也会不够写完本子 ‎تۇپراققا تويۇنۇپ گىياھ، پورەكلەپ ۋاراقتا ئۇيغۇرچە مارجاندەك خەتلەر 满地都是花儿 好似满篇都是珍珠般的字迹 ‎قەلىمىم زەخمەك چېكىدۇ تارىنى، ئويدۇرماي سۆزلەپ كۆڭۈلدە بارىنى 我把心中所想一字一句表达出来 ‎خوشاللىق بىرلە نالە -زارىنى، ۋە ياكى ئاشىقنىڭ سۆيگەن يارىنى 快乐愉悦之情 亦或是爱情的伤悲之处 ‎كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن غايىلەر نۇرغۇن، ئەمەلىيىتى يوق چىرايى سۇلغۇن 树立的梦想无数却不付诸实际行动 ‎قەلەمنى يار تۇتۇپ قۇملۇقنى كەزگەن كارۋانمەن ھەر ۋاقىت يوللاردا يۇلغۇن 我就是开垦这片荒漠的人 ‎تىكىمەن شۇ قەدەر مەززمۇت توغراقنى قاغجىرىغان دىلنىڭ ئىچكىر قېتىغا 要给每一个失去希望的人内心植入胡杨精神 ‎ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يۇقۇرغا چىققىن ھېچكىم قارىماس ئاجىزنىڭ يېشىغا 你要不停的努力向上 没有人会理会弱者的眼泪 ‎ئارزۇ ئستەك ئۈمىدلەر ھەريان چۆرىدەپ مەنزىلگە يەتمەك بولۇپ ھەم 梦想很难实现 ‎مىھنەتسىز ھاياتنى بېزىسەڭمۇ مىڭلاپ كىشىلىك تۇرمۇشتا بولامدۇ تەم 自私自利的生活无法给你带来丝毫美好 ‎مەزمۇت قامەتلىك گەۋدىنى مۈكچەيتتى ھاياتنىڭ بېسىمى ئۆتكۈر پىچىقى 生活的压力能够逐渐打垮你 ‎تەم بەرگەن سىناققا تىزلانغان قىلتاققا كىشىلەرنىڭ بىراقلا چىقتى مىجىقى 如果低头认输就意味着彻底失败 ‎بار-يوقنىڭ ھەممىنى سۆزلىدىم تېكىستتە چۈشىنىش سىلەردىن تىڭشىغۇچى ئەزىز 聆听的你们来理解我写下的这一句句事实 ‎مەيلىم يوق باشقىغا ۋىجدانىڭنى تاشلىما يازمىسام داستان قەلەمگە قەرىز 只要能保持自尊写出更好的作品其他的我都无所谓 ‎سۈبھىدە ئاي نۇرى چۈشتى دەپتەرگە قويدۇم قەلەمنى تېكىست تامام 清晨的曙光照耀在本子上我放下了笔完成了歌词 ‎قەلىبتىكى روھنى خاتىرلەپ ئەسەردە بولىدۇ ھەر ۋاقىت مۇشتاق داۋام 我会继续如此记录下心中所想 翻译:Xayda