Sen Xushal Yasha 作词 : Haksar/Subi Amar(苏比) 作曲 : MJ 作词:Haksar / Subi Amar 作曲:MJ Haksar قوللىرىمنى سىلكىۋەتكەن سەن ئەمەسمۇ سوغوق يۈرەكنى ئىللىتقىنى مەن ئەمەسمۇ ئەمدى مەن كەتتىم سېنىڭدىن كەچتىم دىگەن سۆزنى ئېيتقان ئىدىم نەچچە قېتىم كەچتىم دىدىم كېچەلمىدم سەندىن يىراق كېتەلمىدىم چۈنكى بىلىمەن شۇ ۋاقىتتا سەن ماڭىلا مۇھتاج ئىدىڭ مۇھتاجلىقنى بىلىندۈرمەي ئازاپلارنى كۆرۈندۈرمەي تۇرمۇشۇمدا ھىچ بولمىسا سېنى خۇشال ياشىسۇن دەپ Subi Amar سەن خۇشال بولساڭلا ئەگەردە مەن تەييار ھەر يەردە ئارزۇيۇم بەخىتنى تەڭ تاپساق سۆيگۈگە قۇچاق ئاچساق مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن Haksar چارچىغانسە سەنمۇ بەلكىم ئېغىر بېسىمدىن زېرىككەنسە سەنمۇ بەلكىم بىر خىل رېتىمدىن كۈندە ئوخشاش ئەھۋال تەكرارلانسا نەچچە قېتىمدىن ئامالسىزمەن يولنى بەردىم بولدى چېكىندىم ۋەدە قەسەم كېرەك ئەمەس ئەمەلىيەتتىن كۆرەلەيمەن سېنىڭ ھەتتا ماڭا قېيداپ يۈرگىنىڭنى بىلەلەيمەن مېنىڭدىن رەنجىمە سۆزلىرىمدىن رەنجىمە سەنلا خۇشال بولساڭ بولدى ئازاپ كەتسۇن مەن بىلەن Subi Amar سەن خۇشال بولساڭلا ئەگەردە مەن تەييار ھەر يەردە ئارزۇيۇم بەخىتنى تەڭ تاپساق سۆيگۈگە قۇچاق ئاچساق مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن Haksar خاپىلىقلار بولسا مەيلى ئۆتۈپ كەتسۇن كۈندە تەكرار تالىشىشلار يۈتۈپ كەتسۇن مەيلى پۇل كەتسۇن مەيلى جان كەتسۇن پەقەت بىزدىن يالغانچىلىق نېرى كەتسۇن مەيلى قانچە ئەسكى بۇلاي كەت دېمىگىن مىنى مەيلى ئەتە قانداق بولسۇن يات دېمىگىن مىنى قېنى دىمەي شۈكرى دىسەك بەخت بىزگە بېرى ئاخىرىغىچە قول تۇتۇشۇپ بۇلالىساق قېرى Subi Amar مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن مەيلى مەن نەلەرگە كېتەي مىنىڭ قەلبىم سەن بىلەن مەيلى سەن نەلەردە بولغىن سېنى ئىزدەپ تاپىمەن