Ayga Baksam 作词 : askar kurban 作曲 : elijangupur ئايغا باقسام ئەسقەر قۇربان ئىقبال ئايغا باقسام سېنىڭ ئايدەك جامالىڭ، زاھىر بولدى يەنە مېنىڭ ئالدىمدا. كەچمىشلەرگە چىلاشقان چىن سۆيگىمىز، نازلىق بېقىپ ياتار شۇچاغ باغرىمدا. جىمىرلىدى كۆكتە سانسىز يۇلتۇزلار، مۇڭغا پاتتى قىسىپ ئويچان كۆزىنى. ئاي شولىسى لەرزان قېلىچ ئوينىتار، پارە -پارەقىلىپ نىمجان تىنىمنى. تۈن پەردىسى يېيىلغان شۇدەملەردە، تولغاندى جان خىلۋەت غېرىپ ھۇجرىدا. پورەكلىدى دىلدا ئاشىق ھەسرىتى، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ئازاپ قوينىدا.