hamra bolamsan 作词 : bumaryam sabit 作曲 : elijangupur دىلدىن سېغىنىپ كەلدىم يىراقتىن ، بايان ئەيلەي كۆڭلۈمنى ساڭا . پىنھان ئوتتا كۆيدۈم ئۇزاقتىن ، پۇرسەت بەرگىن بىر نۆۋەت ماڭا . قاچۇرمىغىن نىگار كۆزۈڭنى ، ئېيتىۋالاي يۈرەك سۆزۈمنى ، قەلبىمدىكى يىگانە گۈلسەن ، تۇتالمىدىم شۇڭا ئۆزۈمنى . ئۆزۈڭ ئىشچان قولۇڭ گۈل ئىكەن ، گۈزەللىكتە مەن ئۈچۈن ئايسەن . تەبەسسۇمدىن پارلىغان يۈزۈڭ ، مۇھەببەتكە تويۇنغان بايسەن . گۈللەر تىزىپ كەلسەم ئالدىڭغا ، ئاددى كۆرمەي قوبۇل قىلامسەن . سەنمۇ مېنى بېسىپ باغرىڭغا ، مەڭگۈلۈككە ھەمراھ بولامسەن . 歌词贡献者:AbduSaLaM Sulayman