Kurup Bakamsan 作词 : Anwar Yasin/Zulpikar-Mamtimin 作曲 : Nureli Turgun 编曲 : Miradiljan-Bawudun 作词:Anwar Yasin مەنسىز خۇشال ئۆتمەيدۇ دېمە، ئۆتەلەيمەن كۆرۈپ باقامسەن.  تەنھالىققا كۆنمەيدۇ دېمە،  كۆنەلەيمەن كۆرۈپ باقامسەن. كېچىلەرنى باغرىمغا يېقىپ، كۆككە قاراپ يۇلتۇزغا بېقىپ. تەنھالىقتىن خۇشاللىق تېپىپ، يۈرەلەيمەن كۆرۈپ باقامسەن. كىرگۈزمەيمەن خىياللىرىمغا، كىرمەس ھېچكىم كۆڭۈل بېغىمغا. سۆيگۈ سوراپ ئەمدى يېنىڭغا،  بارالمايمەن كۆرۈپ باقامسەن. بولمىسىمۇ تۇتۇپ قولۇمنى، ماڭغۇدەك بىر سۆيگۈ يولۇمنى. ياشاۋېرەي سۆيۈپ ئۆزۈمنى. كۈلەلەيمەن كۆرۈپ باقامسەن.