作曲 : elijangupur ئاشىق ئەسقەر قۇربان ئىقبال سېنى سېغىنار تەشنا يۈرۈكۈم، ھەركۈن زارىقىپ كۈتۈپ سېنىلا، سۆيگەن گۈلۈمسەن، ئىللىق قۇياشىم، جانىم تەسەددۇق بىلسەڭ ساڭىلا. سېنى سورايمەن مەيىن شامالدىن، بېقىپ يولۇڭغا كېلەر قاچان دەپ. سۆيگۈ مۇقەددەس، سۆيگۈ ئۇلۇغدۇر، كۈنۈم ئۆتىدۇ سېنىڭ غېمىڭ يەپ. كەتمەس ئالدىمدىن گۈزەل رۇخسارىڭ، ئۆتتى كۈنلىرىم ئەسلەش بىلەنلا. مەيلى رازىمەن ئازاپ تارتساممۇ، سۆيگەن جانانىم ئىشقى ئوتۇڭدا. سەن بىر يىگانەم ئاشىق پەرۋانەم، كۆيەر گۈرۈلدەپ ئاشىق سۆيگۈسى قويماس ھالىمنى قىينار ئوت پىراق، كېرەك ئەمەستۇر سەندىن باشقىسى. 歌词贡献者:阿卜杜萨拉木·演员