作词 : bumaryam sabit 作曲 : elijangupur چوڭ تۇتمىغىن ئۇنچە ئۆزۈڭنى ، ئاڭلىغۇم يوق زەھەر سۆزۈڭنى ، يۈزسىز دېمە ئۆرۈپ يۈزۈڭنى ، بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان . كىبىرلىكتە ياشاپ ئۆتمىگىن ، شۇ سەۋەپتىن ئاچچىق يۈتمىگىن ، مەندىن ئارتۇق دۇنيا كۈتمىگىن ، بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان . نەزەر سالغىن ماڭغان يولۇڭغا ، ئىشەنچ قىلما تاپقان پۇلۇڭغا ، مەغرۇرلانما قاتقان بويۇڭغا ، بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان . مېھىر بەرگىن مىسكىن دىللارغا ، ھۆرمەت بىلدۈر كۆرسەڭ چوڭلارغا ، ئىز قالدۇرغىن ئۆتكەن يىللارغا ، بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان . ئەۋلادلارغا قالدۇر ياخشى نام ، ياخشى ئىشنى قىلدۇرغىن داۋام ، ھاياتىمدىن يۈتمە سەن تامام ، بىلسەڭ سەنمۇ ئاددىي بىر ئىنسان . 歌词贡献者:AbduSaLaM Sulayman